UyghurMain Dictionary
ئالدى-ئارقىسى[يەشمىسى:] ① ئالدى ۋە ئارقا تەرىپى، ئەتراپى:[مىسال:] ئالدى-ئارقىسىغا قارىماق. ئالدى-ئارقىسى گۈللۈك ئۆي.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ ئوڭ ۋە تەتۈر تەرىپى، ئاستى-ئۈستى:[مىسال:] ئالدى-ئارقىسى قىزىرىپ پىشقان نان. ئالدى-ئارقىسى سىلىق توقۇلغان گىلەم.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياخشى-يامان تەرىپى، بولىدىغان-بولمايدىغان تەرىپى:[مىسال:] ئەي ئوغۇل، سۆزنىڭ ئالدى-ئارقىسىغا قاراپ، مەنىسىنى بىلىپ سۆزلە. بىر كىشى سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىپ سۆزلىمىسە، تۇتى قۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ.