UyghurMain Dictionary
ئالبىززى جەمەتى
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيىدىكى فلورېنسىيىدە ئۆتكەن قەدىمكى جەمەت. ئارېززو شەھىرى (فلورېنسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان) دە روناق تاپقان. Ⅷ ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ ۋەكىلى فلورېنسىيە ھۆكۈمىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ⅪⅤ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدە ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۇلار فلورېنسىيە ھاكىمىيىتىنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. 1434-يىلى مېدىچ جەمەتى ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقان. كېيىن ئۇلار فلورېنسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.