Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئالبرېخت
Domain: دۇنيا تارىخى阿尔波列赫特
ā ěr bō liè hè tè
(تەخمىنەن 1100 - 0117) لەقىمى <چوڭ ئېيىق>. براندېنبۇرگ كىنەزى (1150 - 1170). 1134-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى كورۇلى لوتار Ⅱ ئۇنىڭغا شىمالىي ماركنى مۆھۈرلەپ بەرگەن. 1147-يىلى ساكسونىيە ۋە باۋارىيە گېرتسوگى ھىنرى (شىر) بىلەن بىرلىشىپ پولابېسكىي سلاۋيانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان؛ 1150-يىلى برانىبورنى ئىگىلەپ، ئۇنى براندېنبۇرگقا ئۆزگەرتىپ، براندېنبۇرگ كىنەزلىكىنى قۇرغان. ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، يەرلىك سلاۋيانلارنى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاپ، نېمىسلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغان ھەمدە گېرمانىە ۋە نىدېرلاندىيىدىن كۆپلىگەن مۇستەملىكىچىلەرنى چاقىرىپ كەلگەن. 1162-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅰ (<قىزىل ساقال>) بىلەن بىللە ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.