Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئالبانىيە مەتبۇئات جەمئىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخى阿尔巴尼亚出版协会
ā ěr bā ní yà chū bǎn xié huì
1879-يىلى ئالبانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى ئىستانبولدا قۇرغان سىياسىي تەشكىلات. قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەخپىي پائالىيەتە كۆچۈپ، مىللىي ھەرىكەتنىڭ رەھبەرلىك مەركىزىگە ئايلانغان. ئاساسلىق رەھبەرلىرى ساماى فراشېرى، نائىم فرانشېرى، ج. ۋرېتو قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 1884-يىلى 8-ئايدائىستانبولدا ئالبانىيە تىلىدىكى <دېلتا> (<نۇر>) قەرەللىك ژۇرنىلىنى نەشر قىلىپ، 1887-يىلى ئۇنىڭ نامىنى <دىتورىيە> (<بىلىم>) گە ئۆزگەرتكەن. بۇ ژۇرنال مىللىي ئازادلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان تەربىيە قورالىغا ئايلانغان. Ⅹ Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا جەمئىيەت نامىنى ئالبانىيە كومىتېتىغا ئۆزگەرتىپ، داۋملىق مەخپىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇھاجىرلار جەمئىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتكەن، خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغاش ۋە ۋەتەنەننى ئازاد قىلىش كۈرىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.