UyghurMain Dictionary
ئالاقە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىلەر ئارىسىدىكى ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش.
ئادەم ئۆز ئۆمرىدە يېڭى مۇناسىۋەتلەرنى تۇرغۇزمىسا، ئۆزىنى يېگانە قىلىپ قويىدۇ. مۇناسىۋەت ئۈزۈلسە، ئىش بۇزۇلىدۇ. تىل - كىشىلەرنىڭ ئالاقە قورالى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆزئارا مۇناسىۋەت مۇئامىلە، باردى - كەلدى، ئىچكى - تاشقى باغلىنىش.
دوستلۇق ئالاقىسى، سودا ئالاقىلىرى. ئالاقە باغلىماق ئالاقە قىلماق.
ئىككى نۇقتا ياكى ئىككى ئارىلىقتا تۇرۇپ خەۋەرلىشىش، باغلىنىش ۋاسىتىسى.
تېلىفون ئالاقىسى. ئالاقە يوللىدى.
يىگىت، قىز ياكى ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى قەلبداشلىق تۇيغۇ، كەيپىيات؛ ئىشق - مۇھەببەت؛ جىنسىي مۇناسىۋەت.
- بۇ ئۈزۈكلەرنىڭ ئىگىلىرى خۇددى سىلەرگە ئوخشاش مەن بىلەن ئالاقىدە بولغان، - دەپتۇ ھېلىقى ئايال.
بىرەر ئىدارە، تەشكىلاتنىڭ تونۇشتۇرۇش ياكى ئىسپات خېتى.
سەن كەنتنىڭ ئالاقىسىنى ئېلىپ يېزىغا بارغىن.