UyghurMain Dictionary
ئالايماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆزنى يوغان ئېچىپ، غەزەپ بىلەن قارىماق.
ئالايغانغا ئالاي. چەكچەيگەن كۆزدە ئەقىل يوق. بېگىمنىڭ كەينىدىن گۈلىيىۋالاي. ماختىغانغا غادايما، ئۆگەتكەنگە ھومايما. ئەمەلدارغا ھىجايغان پۇقراغا ھومىيار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆزنى يوغان ئېچىپ قارىماق، خاپا بولۇش ۋە ھەيۋە قىلىشقا ئىشارە.
ھىجايماق
مېيىقىدا كۈلمەك، غەيرىيچە كۈلمەك، خۇشامەتكە ئىشارە.
ھىجايغاننىڭ ھەممىسىلا دوست ئەمەس، ھومايغاننىڭ ھەممىسىلا دۈشمەن ئەمەس. ئەمەلدارغا ھىجىيىدۇ، پۇقراغا ھومىيىدۇ. ئالاي دېسە ئالىيىپتۇ، بېرەي دېسە ھىجىيىپتۇ. ھومايغانغا ھوماي، ئالايغانغا ئالاي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۆزنى يوغان ئېچىپ، چەكچىيىپ قارىماق، چەكچەيمەك.
ھۈسەن ئاكا بۇ سۆرۈن تەلەتلەرگە غەزەپ بىلەن ئالايدى.