Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاكتىپ توشۇلۇش
Domain: بىئولوگىيە主动运输
zhǔdòngyùnshū
ھۈجەيرىدە ماددىلارنىڭ مۇھىم بىر خىل توشۇلۇش ئۇسۇلىدۇر. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ماددىلار كونسېنتراتسىيىسى تۆۋەن يۆنىلىشتىن كونسېنتراتسىيىسى يۇقىرى يۆنىلىشكە قاراپ توشۇلىدۇ، يەنى قۇيۇقلۇق گرادىئېنتىنىڭ ئەكسىچە يۆنىلىشى بويىچە بولىدۇ. نۆۋەتتە بۇ بىر ھادىسە ناترىي - كالىي پومپىسى پەرىزىدىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇ تەلىماتتا پەردە ئادېنوزىن ترىي فوسفات (ATP) نى پارچىلايدىغان تىترامېردىن ئىبارەت بىر خىل ئېنزىم Na + K + ـ ATP ئېنزىم( بولۇپ، ئۇ فوسفاتلاشتۇرۇش - فوسفاتسىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق ATP ئېنزمنىڭ بىر قاتار كونفورماتسىيىلىك ئۆزگىرىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئىئونلارنىڭ ئورنىنىڭ يۆتكىلىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. ئاكتىپ توشۇلۇشتا ئېنېرگىيە سەرپ قىلىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.