Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاكتون
دۇنيا تارىخى
阿克顿
ā kè dùn
(1834 - 1920) ئەنگلىيە تارىخشۇناسى. نىئاپولدا تۇغۇلغان. بوۋىسى نىئاپول كورۇللۇقىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. ئاپىسى گېرمانىيىدىكى باۋراىيە گرافىنەسى بولغان. ئاكتون <ئەركىن كاتولىكلار>غا مەنسۇپ لىبېراللار پارتىيىسىدىن. ياش ۋاقتىدا گېرمانىيىدە ئوقۇپ، رانكېچىلار ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1858-يىلى ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئىككىنچى يىلى بارونلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1859 - 1865-يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1895-يىلىدىن باشلاپ كېمبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى پروفېسسورى بولغان. ئۇ، رانكېچىلار ئېقىمى تەشەببۇس قىلغان <ئوبيېكتىۋىزىملىق> ئىلىم تەتقىق قىلىش پوزىتسىيىسىنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلغان. <كېمبىرىج يېقىنقى زامان تارىخى> دېگەن ئەسەرنىڭ مەسئۇل تەھرىرلىكىنى قىلىپ، بىرىنچى تومى نەشردىن چىقىشتىن بۇرۇن دۇنيادىن ئۆتكەن. قالدۇرۇپ كەتكەن ئورىگىناللىرىدىن <ئەركىنلىك تارىخى>. <يېقىنقى زامان تارىخى لېكسىيىسى>، <ئاكتون ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە ئەسەرلىرى> قاتارلىقلار نەشر قىلىنغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
阿克顿
ā kè dùn