Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاڭكور ئىبادەتخانىسى
دۇنيا تارىخى
吴哥寺
wú gē sì
ئاڭكور ئۆڭكۈرى، كىچىك ئاڭكور دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كامبودژىدىكى مەشھۇر بولغان بۇددىزم خارابىسى. قەدىمكى زامان كامبودژرا تاش بىناكارلىقى ۋە تاش ئويما قاپارتما نەقىشچىلىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك ۋەكىلى. سېمرېياپ ئۆلكىسىنىڭ سېمرېيات شەھىرى ئاڭكور بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. سورياۋارمان Ⅱ دەۋرىدە (1113 - 1150) بىنا قىلىنغان. پۈتۈنلەي قورام تاش بىلەن قوپۇرۇلغان. ئىبادەتخانىنىڭ تۆت ئەتراپى 190 مېتىر كەڭلىكتىكى خەندەك بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5.6 كىلومېتىر كېلىدۇ. خەندەكنىڭ ئىچىگە تاشتىن ئىككى قاتار ئىچكى - تاشقى سېپىل قوپۇرۇلغان. تاشقى سېپىلنىڭ غەربىدە بىر دەرۋازا بولۇپ، دەرۋازا راۋىقى ھەشىمەتلىك، ئۈستىدە ئۈچ مۇنار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. دەرۋازىدىن كىرگەندە كەڭ - ئازادە قورۇپ بولۇپ، بىر قانچە مىڭ كىشى سىغىدۇ. ئىچكى سېپىل ئىچىگە ئوردا جايلاشقان، ئورىدا ئۈچ سۇپىلىق ئېھرامسىمان بىر سۇپا بار. سۇپا ئۈستىگە بەش ئۇچلۇق مۇنار ياسالغان. مەركىزىي مۇنارنىڭ ئۈستى ھويلا يەر يۈزىدىن 65 مېتىر كېلىدۇ. ھەربىر سۇپىنىڭ تۆت ئەتراپىدا تاشتىن قوپۇرۇلغان ئايلانما كرىدور بار، ئۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن قەۋەت تاملىرى قاپارتما نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن. مەشھۇر <قاپارتما نەقىشلىك ئايلانما كاراىدورى> بار، ئۇنىڭ مەزمۇنىدا تولاراق <ماخابخاراتا> ۋە <رامايانا> ئېپوسىدىكى ئەپسانىۋى چۆچەكلەرنى ئاساسىي ۋەقەلىك قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆرپ ئادەت تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرىم بار. نەقىشلەر ئۇسلۇبى رەتلىك ھەم نەپىس بولۇپ، خۇددى سىزغاندەك چىققان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاڭكور قەدىمكى پايتەختى (بۇ <چوڭ ئاڭكور> دەپمۇ ئاتىلىپ، ⅩⅡ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرمىدا بىنا قىلغان، سېپىلنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 12 كىلومېتىر بولۇپ، تاشتىن ياسالغان بەش شەھەر دەرۋازىسى بولغان. سېپىل ئىچىدە پادىشاھ ئوردىسى، بائىئان ئىبادەتخانىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار بولغان) تاشلىنىپ قېلىپ ئىبادەتخانىمۇ چۆللىشىپ قالغان. Ⅹ Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن كامبودژا خەلقى تەرىپىدىن يېڭىۋاشتىن رېمونت قىلىنىپ، دۇنياغا مەشھۇر بولغان قەدىمكى يادىكارلىقلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.