Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاكىللېس
دۇنيا تارىخى
阿喀疏斯
ā kā shū sī
قەدىمكى يۇنانئەپسانلىرىدىكى قەھرىمان، ترويا ئۇرۇشىدىكى يۇنان ئارمىيىسىنىڭ باش سەركەردىسى. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ مىرمىدونىلار (شىمالىي يۇناندىكى فېسسالىيە چېگرىسى ئىچىدە) نىڭ پادىشاھى پېلېئۇس بىلەن دېڭىز خۇداسىنىڭ قىزى تېتىستىن تۇغۇلغانمىش. بالىلىق چېغىدا ئاپىسى تېتىس ئۇنىڭ بەدىنىنى شاراب بىلەن يۇيۇپ، ئوتتا تاۋلاپ، يەنە ئەزىم دەريادا يۇيۇندۇرۇپ، بەدىنىگە قىلىچ ئۆتمەيدىغان قىلغانمىش، لېكىن يۇيۇندۇرغان چاغدا ئاپىسى تۇتۇپ تۇرغان تاپىنى ئەزىم دەريانىڭ سۈيىگە چىلانمىغانمىش، شۇڭا <ئاكىللېسنىڭ تاپىنى> دېگەن تەمسىل ئەجەللىك ئاجىزلىقنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ تەبىئىتى جەسۇر بولۇپ، بالىلىق چېغىدىلا شىر ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆلتۈرگەنمىش، ئۇ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان بۇغىغا يېتىشىۋالالايدىغانلىقى ئۈچۈن <شاتۇر ئاخللېس> دەپمۇ ئاتالغانىكەن. يېقىن دوستى پاتروكلۇس بىلەن بىرلىكتە تروپا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. گومېرنىڭ داستانى - <ئېلىيادا> نىڭ بېشىدا يېزىلىشىچە، تروپا ئۇرۇشىنىڭ ئونىنچى يىلى ئاكىللېس بىلەن باش قوماندان ئاگامېمنون ئوتتۇرىسىدا ئايال ئەسرنى تالىشىپ ئاداۋەت پەيدا بولۇپ قالغانلىقتىن، ئاكىللېس غەزەپلىنىپ ئۇرۇشقا چىقىشتىن باش تارتقان، يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىسى قەدەمدە بىر مەغلۇپ بولغان، كېيىن پاتروكلۇس ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن، ئاكىللېس دوستىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن جەڭگە چىقىپ، ترويانىڭ باش سەركەردىسى گېكتورنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىغان لېكىن ترويا شاھزادىسى پارىس ئاتقان يوشۇرۇن ئوق تاپىنىغا تېگىپ ئۆلگەن.