Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاكارسوئا قوزغىلىڭى
Domain: دۇنيا تارىخى阿卡.索亚起义
ā kǎ .suǒ yà qǐ yì
1864 - 1866-يىللىرى كامبودژا خەلقىنىڭ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تاجاۋۇزىغا قارشى قوزغىلىڭى. شاھزادە ئاكارسوئا رەھبەرلىك قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1863-يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى كامبودژانى ئۆزىنىڭ ھامىيلىقى ئاستىغا ئالماقچى بولۇپ، خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. ئىككىنچى يىلى ئاكارسوئا كامبودژرانىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان، قوزغىلاڭغا دېھقانلار، بىر قىسىم فېئوداللار ۋە بىر قىسىم ۋيېتنام ۋەتەنپەرۋەرلىرى قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كومپوڭبوم ۋە تاكىئو قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان ھەمدە پايتەخت فنومىپېن (ھازىرقى پنومىپېن) غا يۈرۈش قىلغان، پادىشاھ ئارمىيىسى بىلەن فرانسىيە ئارمىيىسى بىرلىشىپ توسۇپ زەربە بەرگەن. 1866- يىلى 8-ئايدا ئاكارسوئا يارىدا بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.