UyghurMain Dictionary
ئاكا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
چوڭ قېرىنداش، ئاغا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئىچىدىكى ئۆزىدىن چوڭ ئەر قېرىنداش؛ ئومۇمەن ئۆزىدىن چوڭ ئەرلەرنى ھۆرمەتلەپ ئاتاش.
ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ. ئاغىلار ئىززەتلىك بولسا، ئىنىلار ھۆرمەتلەيدۇ. ئاغا - ئىنىنىڭ ئازارى بولسىمۇ، بىزارى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
چوڭ ئوغۇل (ئۇكىلىرىغا نىسبەتەن).
ئاكاڭ كىمنى ئالسا، يەڭگەڭ شۇ (ماقال).
ئۆزىدىن چوڭ ئەر كىشىگە مۇراجىئەتتە ياكى ئۇنىڭغا ھۈرمەت يۈزىسىدىن ئىشلىتىلىدۇ.
مۆمىن ئاكا كەچۈرمىشلىرىنى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى.