UyghurMain Dictionary
ئاجىتا كېساكامبالا
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىر) ھىندىستاندا بۇددا دىنى ئەۋج ئالغان دەۋردىكى ئالتە چوڭ ئۇستازنىڭ بىرى. «غەيرىي بۇددا مەزھىپى» مۇتەپەككۇرى. ئۇ ماتېرىيالىستىك لوكاياتىچىلارغا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ دۇنيا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ سەۋەب - نەتىجىسى ئەمەس، بۇ دۇنيا بىلەن ئۇ دۇنيا ئوتتۇرىسىدا نۆۋەتلىشىپ تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، دۇنيا يەر، سۇ، ئوت، شامالدىن ئىبارەت «تۆت چوڭ ئاناسىر» دىن تەشكىل تاپقان، ئادەممۇ ئۆلگەندىن كېيىن «يەردىن يەرگە قايتىدۇ، سۇ سۇغا قايتىدۇ، ئوت ئوتقا قايتىدۇ، شامال شامالغا قايتىدۇ، ھەممە نەرسە بۇزۇلۇپ، تۈپتىن يوقايدۇ» («دىرگخائاگاما»)، تەندىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان روھ مەۋجۇت ئەمەس دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلغان. بۇنداق تەلىمات «ئۆلۈپ يوقاش قانۇنى» دەپ ئاتالغان. ئۇ براخمان كاھىنلىرى تەرغىپ قىلغان سەدىقە بېرىش، نەزىر - چىراغ قىلىش ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىشنى تولىمۇ بىمەنلىك دەپ قارىغان.