Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاجراتقۇچى قەۋەت
Domain: بىئولوگىيە离屋
líwū
ئۆسۈملۈك يوپۇرماق تاشلاشتىن بۇرۇن يوپۇرماق سېپى ياكى يوپۇرماق ئاساسىدا ھاسىل بولىدىغان ئالاھىدە بەلباغ. ئۇ يوپۇرماقنىڭ تۆكۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. گۈل سېپى ۋە سېپىدىمۇ ئاجراتقۇچى قەەت ھاسىل بولۇپ، گۈل ۋە مېۋىلەرنىڭ تۆكۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاجراتقۇچى قەۋەت ھاسىل بولۇش ۋاقتىدا شۇ ئورۇندىكى نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىلەر بۆلۈنۈپ كىچىك تىپلىق ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ. كېيىن ھۈجەيرە پوستى شىلىمشىقلىشىپ، ھۈجەيرىلەر ئەركىن ھەرىكەتلىنىدىغان بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئورۇننىڭ تىرەكلىك كۈچى ئاجىزلايدۇ. يوپۇرماق، گۈل ۋە مېۋىنىڭ ئېغىرلىقى ھەمدە سىرتقى كۈچىنىڭ تەسىرىدە يوپۇرماق، گۈل ۋە مېۋە ئاجراتقۇچى قەۋەت ئورنىدىن ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. ئۈزۈلگەن يۈزىدىن كېيىن پروپكا ھاسىل بولۇپ جاراھەت يۈزىنى پۈتۈنلەيدۇ. ئاجراتقۇچى قەۋەت ھاسىل بولۇشنىڭ سەۋەبى ئاساسەن كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتىنىڭ قسىقا بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ؛ ئچىكى سەۋەبى ئاساسەن يوپۇرماقتا ئائۇكسىن مىقدارىنىڭ ئازىيىشى، ئابسسىسىك كىسلاتانىڭ كۆپىيىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
باغۋەنچىلىك,ئۆسۈملۈك
离层
lí céng
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.