Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاجار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر阿扎尔自治共和国
ā zhā ěr zì zhì gòng hé guó
سوۋېت ئىتتىپاقى گروزىيە جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ، تاشقى كاۋكازنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. غەربىي تەرىپى قارا دېڭىز، جەنۇبىي تۈركىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 3000 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 379 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنى ئاجارھەم گروزىن خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا يەنە رۇس، ئەرمەن، گرېك قاتارلىق مىللەتلەرمۇ ئولتۇراقلاشقان. بۇ جۇمھۇرىيەت 1291 - يىلى قۇرۇلغان. مەركىزى باتۇمىي شەھىرى. ئاجار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى تاغلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرى بىلەن چورۇق قاتارلىق دەريا بويلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىقلىمى يەر ۋەزىيىتىنىڭ ۋېرتىكال يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ پەرقلىنىدۇ. دېڭىز قىرغاق رايونلىرى مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغ ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ھۆل - يېغىنى مول بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2500 _ 3000 مىللىمېترغا يېتىدۇ. ئورمانلىقلار يېزىنىڭ 50% تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ جايلاردا چاي، لىمون قاتارلىق مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغ مېۋە - چېۋىلىرىنى ئۆستۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتى نېفىت مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ. دېڭىز قىرغاق رايونلىرىداتۆمۈر يول ترانسپورتى بىلەن دېڭىز ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.