UyghurMain Dictionary
ئاجايىب
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. ناھايىتى قىزىق، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، تەسەۋۋۇرغا سىغمايدىغان، قىزىقارلىق.
ئوغلىدىن بۇ ئاجايىپ ۋەقەنى ئاڭلىغان قاسىمئاخۇن ئۇستامنىڭ شادلىقىدىن ئۇدا بىرقانچە كېچىگىچە ئۇيقۇسى كەلمىدى.
سۈپ. غەيرىي، غەلىتە، باشقىچە.
- مانا ئەمدى سىزنى ئويلىساملا ئاجايىپ بولۇپ قالىمەن، - دېدى زەينەپ كامىلنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ.
سۈپ. ناھايىتى ياخشى، قالتىس، پەيزى.
بىلەمسەن ھەي ئاداش، شۇ تۇرقىدا بىر ئاجايىپ قىز سېنىڭ ئۈچۈن تولغىنىپ ئۇخلىيالمايۋاتىدۇ.
رەۋ. ناھايىتى، ئىنتايىن، تولىمۇ، خويمۇ، بەك.
ئۇنىڭ ساڭا ئاجايىپ ھەۋىسى كېلەتتى.