UyghurMain Dictionary
ئايىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھىمايە قىلىپ، تاجاۋۇزغا، زىيان - زەخمەتكە ئۇچراتماسلىق.
يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن. ھەقىقەتنى قوغدىغان ئاھ ئۇرمايدۇ. مېۋە ئالاي دېسەڭ، چېچىكىنى ئاسرا. ئۆلۈككە يىغلىما، تىرىكنى ئاسرا. ھۆرمىتىڭنى ياشلىقىڭدىن ساقلا. ئايىساڭ ئۆتىسەن، يامىساڭ پۈتىسەن. كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، ئۆزۈڭنى خار قىلما. ئۆز ئىززەت - ھۆرمىتىڭنى مۇھاپىزەت قىل. يىگىت بولساڭ، ئاجىزلارنى مۇھاپىزەت قىل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
رەھىم - شەپقەت قىلماق، يۈز - خاتىرىسىنى قىلماق، ئەزىز دەپ بىلمەك.
ياماننى ئايىساڭ ياخشىلىق يوق (ماقال).
ئېھتىيات قىلماق، ئاسرىماق، ئاۋايلىماق، تېجىمەك.
دۈشمىنىڭنى قاتتىق ئۇر، كالتىكىڭنى ئايىما (ماقال).
ئات ئايىغان ئات مىنەر، كىيىم ئايىغان تون كىيەر (ماقال).
يوشۇرماق، قىزغانماق.
خۇدا ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى ئايىماي، سېمىزلىك ۋە ساغلاملىقنى ئەڭ ئالىي مۇكاپات سۈپىتىدە بەخشەندەپ قىپتۇ.