UyghurMain Dictionary
ئايەتۇللاھ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «ئاللانىڭ سىمۋۇلى»، «ئاللانىڭ ئىزى»، «ئاللانىڭ ئىنكاسى» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى نوپۇزلۇق فەقىھ ۋە دىنىي داھىيلار «ئايەتۇللاھ» دېيىلىدۇ. فىقھەنى، ئەقىدىنى تىرەن بىلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدىن مۇجتەھىدلەر سايلاپ چىقىلىدۇ. ئايەتۇللاھلار ئىچىدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مەشھۇرلىرىغا شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي داھىي نامى - ئايەتۇللاھ ئەۋلىيا (ئۇلۇغ ئايەتۇللاھ) ۋە «تەقىلد ئۈلگىسى» دېگەن نام بېرىلىدۇ. ئېيتىلىشىچە، بۇ نام ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئومۇملىشىشقا باشلىغان.