UyghurMain Dictionary
ئايبەك
دۇنيا تارىخى
(1210 - ؟) ھىندىستان دېھلى سۇلتانلىقى قۇللۇق خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئەسلىدە گور خاندانلىقىنىڭ سۇلتانى مۇھەممەدنىڭ قۇلى بولۇپ، ئۇرۇشتا خىزمەت كۆزەتكەنلىكى ئۈچۈن قوماندانلىققا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە خوجايىنىغا ئەگىشىپ ھىندىستاننى بويسۇندۇرغان. 1192-يىلى بۇيرۇققا بىنائەن شىمالىي ھىندىستاندىكى يېڭىدىن بويسۇندۇرۇلغان رايونلارنى ساقلاشقا قالغان، 1193-يىلى دېھلىغا ھۇجۇم قىلىپ، گانگ دەرياسى بىلەن جۇمنا دەرياسى بىلەن جۇمنا دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلغان، ھىندىستاننىڭ راجپۇت بەگلىكىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، كۈچ - قۇدرىتىنى كېڭەيتكەن. 1206-يىلى سۇلتان مۇھەممەد ئۆلتۈرۈلۈپ، دېھلىدا ئۆزىنى سۇلتان دەپ جاكارلاپ، مۇستەقىل بولغان.