UyghurMain Dictionary
ئاھاڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر - بىرىگە ئۇلانغان، ئۇيغۇنلاشقان يېقىملىق تاۋۇش ئېقىمى، مۇزىكىلىق ئەسەر.
ئون ئىككى مۇقام خەلقىنىڭ ئېپتىخارى. سېغىنىش كۈيىنى ياخشى كۆرىمەن. يەرلىك ئاھاڭ - شۇ يۇرتنىڭ بەلگىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
خىمىيە
نېئورگانىك بىرىكمە، مولېكۇلا فورمۇلىسى cao. ئاق رەڭلىك، شەكىلسىز قاتتىق ماددا، ھاك تاش (CaC3) نى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. سۇغا يولۇقسا پارچىلىنىپ كېتىدۇ ۋە كالتسىي گىدروكسىدغا ئۆزگىرىدۇ ھەم كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. ئادەتتە ئۇ قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكى ۋە تازىلىق ئىشلىرىدا قۇرت، مىكروبلارنى ئۆلتۈرگۈچى قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىر - بىرىگە ئۇلانغان ، ئۇيغۇنلاشقان تاۋۇشلار ئېقىمى .
پاتىمىنىڭ قۇلىقىغا بىر خىل ئاھاڭدا گۈركىرەش ئاڭلىناتتى . <مۇز> تۈرلۈك تاۋۇشلارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇزىكا پۈتۈنلۈكىنى تەشكىل قىلغان بىرىكمىسىدىن ئىبارەت مۇزىكا ئەسىرى، كۈي .
بىرىنچى مۇقام يىگىرمە ئىككى ئاھاڭ ئېيتىغاندىن كېيىن تۈگىدى .
نۇتۇقتا مەنىگە قاراپ ئاۋازنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى، كۈچلۈك ياكى ئاجىز ئېيتىلىشى ؛ئىنتوناتسىيە .
مەن بوۋايغا : - سىز دەرھال بېرىپ ئادىل شۇجىنى چاقىرىپ كېلىڭ ! - دېدىم بۇيرۇق ئاھاڭىدا .
سۆزلىگۈچىنىڭ ھېس - تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدىغان تەلەپپۇز ئۇسلۇبى .
يىغلامسىرىغان ئاھاڭدا سۆزلىمەك .