Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاگنى
Domain: دۇنيا تارىخى阿格尼
ā gé ní
قەدىمكى ھىندىستانىدكى تەڭرىنىڭ نامى. ئارىيانلارنىڭ دەسلەپكى ۋېدا دەۋرىدىكى زېمىن ئىلاھلىرىنىڭ بىرى. ئوت تەڭرىسى دەپ قارالغان بولۇپ، ئاتەشپەرسلىكنىڭ ناماياندىسى قىلىنغان. <رىگۋېدا> دا ئۇ يورۇقلۇق ۋە ئوت تەڭرىسى سۈپىتىدە مەدھىيىلەنگەن. كىشىلىك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، ئائىلىلەردە ئوچاق ئىلاھى قىلىغان، <ئائىلە مۇئەككىلى> دەپ ئاتالغان. شۇنداقلا ئۇ چوڭ كاھىن، ئادەم بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدىكى ئەلچى دەپ قارالغان، ۋېدادىكى تەڭرىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ ئورنى ئىندرادىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.