UyghurMain Dictionary
ئاغاخان
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1877 - 1957) ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى رەئىسى، ئىسلام دىنىدىكى ئىسمائىلىيەتنىڭ ئىمامى. ئەجداتى پرسىيىدىن. كېيىن ھىندىستان تەۋەلىكىگە كىرگەن. ئاغاىان كاراچىدا دۇنياغا كەلگەن. ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىكى چوڭ فېئودال. بومباي رايونىدىكى سودىگەرلەرنىڭ داھىيىسى. ئۆزىنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ 47 - ئەۋلادى دەيدۇ. 1885 - يىلى ئىسمائىلىيەنىڭ ئىمامى بولدى. 1908 - يىلى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى. 1915 - يىلى مۇھەممەد ئەلى جىنناھ (1876 - 1948) باشچىلىقىدىكى گۇرۇھ مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ كونا رەھبەرلىك گۇرۇھى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئاغاخاننى ئىستېپا بېرىشكە قىستىدى. ئاغاخان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بايلىققا ئىگە بولۇپ، چەۋەندازلىق بىلەن داڭق چىقارغان، ئاسىيا، ئافرىقدىا نۇرغۇن مۇخلىسلىرى بار ئىدى. سۈرىيە، ھىندىستان، ئومان ۋە زانزىبار قاتارلىق جايلاردىكى مۇخلىسلار ئۇنى <مۇتلەق توغرا>، <نۇقسانسىز، كامىل ئىنسان> دەپ قاراپ، ھەر يىللىق كىرىمىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلاتتى.