UyghurMain Dictionary
ئاغا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئاكا.
چوڭ ئاكا.
ھۆرمەتلىك زات.
شاھىكى ئاتاڭ ئاڭا ئاغادۇر،
ئول ساڭا ئاتادۇر ۋە ئاغادۇر.
نەۋايى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
(كونىرىغان ئىسىم). يۇرت باشلىقى، ئەل باشلىقى. ھاكىم.
ئاغىسىز ئەل بولماس، ياقىسىز تون (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاكا.
ئاغا - ئىنى ئويناشسا، ئىنىسى يېڭەر. چىنلاشسا ئاغىسى (ماقال). * ئاغىدا ئېغىلدا قالدىڭ، يەڭگىدە قالدىڭ يېغىدا قالدىڭ (ماقال).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئاكا، تاغا؛ يۇرت ئاقساقىلى؛ مەنسەپ نامى: ئاغاسىز ئەل بولماس، ياقاسىز تون (ماقال). شېئىردا مۇنداق كەلگەن: شاھى كە ئاتاڭ ئاغادۇر، ئەل ساڭا ئاتادۇر ۋە ئاغادۇر. (ناۋايى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئىچىدىكى ئۆزىدىن چوڭ ئەر قېرىنداش؛ ئومۇمەن ئۆزىدىن چوڭ ئەرلەرنى ھۆرمەتلەپ ئاتاش.
ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ. ئاغىلار ئىززەتلىك بولسا، ئىنىلار ھۆرمەتلەيدۇ. ئاغا - ئىنىنىڭ ئازارى بولسىمۇ، بىزارى يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقىل _ پاراسىتى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئەل _ يۇرتقا باشچىلىق قىلىدىغان ئەرباب.
داھىي دانا بولسۇن. ئېشەك يولباشچ بولسا، ھەممىنىڭ تۈگەشكىنى شۇ. قانائەتنى قولغا كىرگۈزسەك ئەي دىل، ئارام دۇنياسىدا ئۆزۈڭنى سەرۋەر بىل. سەردار سەزگۈر بولسۇن. ئاغىسىز ئەل بولماس، ياقىسىز تون. ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ لىدېرى ماجۇر ئەنگىلىيە ئىچكى كابېنىتنڭ باش ۋەزىرى بولدى.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
يۇرت چوڭى، ئاقساقال، ھاكىم. ئاغاسىز ئەل بولماس، ياقاسىز تون (ماقال).
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئاكا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاكا.
بىز ئاغا - ئىنى ئۈچىمىز ئۈچ خىل خاراكتېرگە ئىگە ئىدۇق، شۇڭا ئاقىۋەتمۇ ئۈچ خىل بولدى.
ئۆزىدىن چوڭ، تۇغقاندەك يېقىن، قەدىردان كىشى.
كېتەيلۇق ئاغا - ئىنىلار، ئامانلىققا بەل باغلاپ.
تارس. ئەلنىڭ، يۇرتنىڭ كاتتىلىرى، چوڭلىرى، ھاكىملىرى.
ئاغا بەگلەر جاۋاب بەردىم، بۈگۈن ئاخىرى زامان دەڭلار، ئارمان بىلەن بەندە بولدۇم، بەگلەر سورىسا ئامان دەڭلار.
<تارىخ> مۇھىم ياكى ئالاھىدە بولغان قۇرۇلۇش - ئەسلىھەلەرنى باشقۇرغۇچى خادىم، باشقۇرغۇچى.
ئىشىك ئاغىسى، ھەرەم ئاغىسى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئاكا
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئاكا. ئۆز ئاكىسىدىن باشقا ھۆرمەتكە چوڭ كىشىلەرنى ئاتاشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.