Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاگامۇھەممەدخان
دۇنيا تارىخى
阿加.穆罕默德
ā jiā .mù hǎn mò dé
(1720 ياكى 1742 - 1797) ئىران كاجار خاندانلىقىنىڭ ئاساسچىسى ۋە پادىشاھى (1796 - 1797)، ئەسلى كاجار قەبىلىسىنىڭ باشلىقى. 1783 - 1794 يىللىرى سافاى خاندانلىقى كۈنسايىن زاۋال تاپقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىراننىڭ ئاساسلىق رايونلىرىنى ئىلگىرى - كېيىن بويسۇندۇرغان. 1794-يىلى زاند خاندانلىقىنى يوقاتقان. ئىككىنچى يىلى باھاردا گرۇزىيىگە يۈرۈش قىلغان. 1796-يىلى تاجى كىيىپ ئىران پادىشاھى بولۇپ تېھراننى پايتەخت قىلغان. كېيىن خوراساننى بويسۇندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. كۆپ ئۆتمەي سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.