UyghurMain Dictionary
ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى ئافرىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتتا ھازىر50 ئەزا دۆلەت بار. باش شتابى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس - ئەبىبەگە تەسىس قىلىنغان. 1963
- يىل5 - ئاينىڭ23 - كۈنىدىن26 - كۈنىگىچە ئەددىس - ئەبىبەدە ئۆتكۈزۈلگەن31 ئافرىقا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. يىغىندا ماقۇللانغان »ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى« دا: بۇ تەشكىلاتنى قۇرۇشتىكى مەقسەت ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە رايون پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش، ئافرىقىدىكى ھەر خىل شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىكنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ كۆرسىتىلدى.
ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ھەر يىلى ئاز بولغاندىمۇ بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي سىياسىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتتا يەنە مىنىستىرلار كېڭىشى، دائىمىي كاتىباتلىق باشقارمىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان.
ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان،22 ئافرىقا دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىپ، ئافرىقا خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.1990 - يىلى3 - ئايدا، ئافرىقىدىكى ئاخىرقى مۇستەملىكە دۆلەت نامبىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى ئافرىقا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى.
دۇنيا تارىخى
ئافرىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر ئۇيۇشتۇرغان قىتئە خاراكتېرلىك خەلقئارا تەشكىلات. 1963-يىلى 5-ئايدا ئافرىقىدىكى 31 مۇستەقىل دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ياكى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس - ئەبېبەدە يىغىن ئۆتكۈزگەن. 25-مايدا < ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى نىزامنامىسى> نى ماقۇللاپ، قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. نىزامنامىگە ئىمزا قويغان كۈنى <ئافرىقا ئازادلىق كۈنى> قىلىپ بېكىتىلگەن. 1980-يىلى 5-ئايغىچە ئەزا دۆلەتلەر جەمئىي 50 كە يەتكەن. نىزامنامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاسەن، تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى: ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىكىنى قوغداپ، بارلىق شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىكنى ئافرىقىدىن پۈتۈنلەي تازىلاپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. دۆلەت باشلىقلىرى كېڭەشمىسى تەشكىلاتنىڭ ئالىي ئورگىنى بولۇپ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىرقېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆز تەشكىلاتىنىڭ باش سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. مىنىستىرلار مۇدىرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ياكى ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن باشقا مىنىستىرلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىكى قېتىم يىغىن ئۆتكۈزىدۇ، باشقىلار كېڭەشمىسىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ ھەمدە باشقىلار كېڭەشمىسىگە تەييارلىق قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. كاتىبات باشقارمىسى تەشكىلاtىنىڭ دائىمىي مەركىزىي ئورگىنى. ئازادلىق كومىتېتى ئافرىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەقىل بولمىغان دۆلەتلەر مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە بېرىدىغان ياردەملىرىنى تەڭشەشكە مەسئۇل بولىدۇ. يەنە كېسىم كومىتېت قاتارلىق ئورگانلىرىمۇ بار. باش ئورگىنى ئەددىس - ئەبېبەدە قۇرۇلغان.