Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئافاناسىي نىكتىن
دۇنيا تارىخى
阿发那西.尼吉丁
ā fā nà xī .ní jí dīng
(؟ - 472) روسىيە ساياھەتچىسى ۋە يازغۇچىسى. تۋېرلىق سودىگەر. 1466 - 1472-يىللىرى ۋولگا دەرياسىنى بويلاپ كاسپى دېڭىزى ئارقىلىق پېرسىيىگە بېرىپ، يىل بويى شۇ جايدا تۇرغان. كېيىن پارىس قولتۇقىدىن يولغا چىقىپ ئەرەب دېڭىزدىدىن ئۆتۈپ، ھىندى ئوكيان ئارقىلىق ھىندىستانغا بېرىپ ئۈچ يىل تۇرغاندىن كېيىن شىمالغا قايتىپ كەلگەن. يەنە پېرسىيە ئارقىلىق قارا دېڭىزدىن ئۆتۈپ، 1472-يىلى كافا (ھازىرقى نامى فېئودوسىيە قىرىم يېرىم ئارىلىدا) غا بېرىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئەڭ دەسلەپتە ھىندىستانغا بارغان ياۋروپالىقلارنىڭ بىرى. <ئۈچ دېڭىزغا ساياھەت> دېگەن ئەسىرى (1853-يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۈچ دېڭىز - كاسپى دېڭىزى، ئەرەب دېڭىزى، قارا دېڭىزنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر ئېيتىلىشىچە كاسپى دېڭىزى، ھىندى ئوكيان، قارا دېڭىز) دە ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن ھەرقايسى جايلارنىڭ مەنزىرىسى ۋە ئۆرۈپ - ئادەت قاتارلىق ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستان توغرىسىدىكى مەلۇماتى ئەڭ تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تارقىلىپ يۈرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغان ھالدا سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا)، جۇڭگو ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىي شەرت - شارائىتى ۋە ئادەمگەرچىلىكىنى بايان قىلغان.