UyghurMain Dictionary
ئادرېس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر كىشى ياكى تەشكىلات تۇرىدىغان جاينىڭ تەپسىلىي نامى:[مىسال:] مەن شۇ چاغدا ئادرېسىمنى توغرا ئېيتىپ بەرگەن بولسام، ئىخلاس بۈۋى مېنى، ھېچ بولمىسا، ئانامنى ئىزدەپ تاپقان بولارئىكەن.[يەشمىسى:] ② پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدىكى شۇ نەرسىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ تۇرىدىغان جايى يېزىلغان يېزىق:[مىسال:] خەت يازسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرېسقا ئەۋەتىڭ.