Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئادراسمان
شىنجاڭنىڭ يەر - جاي نامى
<كەنت>
阿德热斯曼村
ā dé rè sī màn cūn
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
jià tuó péng
骆鸵蓬
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
骆驼蓬
luò tuó péng
بۇ ئوغرىتىكەن ئائىلىسىدىكى، ئادراسمانغا ئۇرۇقداش كۆپ يىللىق سامان غوللۇق
ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن تېنى سېسىق پۇرايدۇ؛ يىلتىزى توم، ئۇزۇن بولۇپ، غولى تۈۋىدىن تۆت تەرەپكە يېيىلىپ شاخلىنىدۇ، تۆۋەن تەرىپى يەر
بېغىرلايدۇ، ئۈستى تەرىپى قىيپاش كۆتۈرۈلۈپ ئۆسىدۇ، غولى يۇمىلاق ۋە قىرلىق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، بىرقانچە قايتىلىنىپ
يېرىلغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئاچىماقلىق يىپسىمان يېرىقچىلارغا بۆلۈنگەن؛ گۈلى ئاق، گۈل تاجىسى بەش تال، گۈل كاسسا يوپۇرمىقى بەش تال،
شەكلى يىپسىمان يۇمىلاق بولۇپ، غوزا مېۋىسى شارسىمان بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
يەر ئۈستى قىسمىنى ياز ۋە كۈزدە يىغىۋېلىپ، كېسىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقى
پىشقاندا ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يول بويلىرى ۋە چۆل -
جەزىرىلەردە ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئۆپكىنى ياشارتىش، يۆتەلنى توختىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، زەھەرنى قايتۇرۇش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 2 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئادراسمان ئۇرۇقىدىن 2 ~ 4 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاق شېكەر ياكى ھەسەل قوشۇپ قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ
بەرسە، يۆتىلىپ دېمى سىقىلىشتا ۋە كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئادراسمان ئۇرۇقىنى سوقۇپ، شېكەر ياكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، يۆتەل، دەم سىقىلىش ۋە سۈيدۈك
تۇتۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئادراسماننى قاينىتىپ سۈزۈپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ ياكى يۇيۇپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.
ئادراسماننى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئادراسمان ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا ياخشى مەنپەئەت
قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك
骆驼蒿(蓬)
luò tuó hāo (péng )Dدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
阿德拉斯曼
ā dé lá sī mànDئۇنىۋېرسال
哈美骆驼蓬
hā měi luò tuó péng