Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئادوۋا جېڭى
دۇنيا تارىخى
阿杜瓦之战
ā dù wǎ zhī zhàn
ئېفىئوپىيە ئىتالىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنى يەڭگەن بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ. 1895 - 1896-يىللىرىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئېفىئوپىيە - ئىتالىيە ئۇرۇشى داۋامىدا، 1896-يىلى 3-ئايدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئارمىيىسى ئادوۋادا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. ئېفىئوپىيىنىڭ 60 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسى پايدىلىق پوزىتسىيىنى ئىگىلىگەن ھەمدە پارتىزانلار ئۇلارغا ماسلاشقان. 17 مىڭ كىشىلىك ئىتالىيە ئارمىيىسىنىڭ قوراللىرى سەرخىل بولسىمۇ، ئوزۇق - تۈلۈكى كەمچىل، ئۇرۇش سېپى كەڭ بولغان. بىر قاتار ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئىتالىيە ئارمىيىسى قاتتىق مەغلۇپ بولغان. 10-ئايدا ئىتالىيە سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، ئېفىئوپىيىنىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئۇرۇش چىقىمى تۆلىگەن.