UyghurMain Dictionary
ئادىل ئەمگەك ئۆلچىمى قانۇنى
Domain: دۇنيا تارىخىئەمگەك ۋاقتىغا قاراپ ئىش ھەققى بېرىش قانۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر خىل ئەمگەك قانۇنى لايىھىسى. 1938-يىلى 6-ئايدا ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا: ياللانما ئىشچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى بىرىنچى يىلى ھەر بىر سائىتىگە 25 تىيىن بولۇپ، كېيىنچە 40 تىيىنغا ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەر ھەپتىلىك ئىش ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 سائەت بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. كېيىن بۇ قانۇن كۆپ قېتىم تەڭشەلگەن. مەسىلەن: 1950-يىلى ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ھەر سائىتىگە 75 تىيىن قىلىپ تەڭشەلگەن. قانۇن لايىھىسى تەتبىقلىنىدىغان ئوبيېكتلار كۆپەيتىلىپ 8 مىليونغا يەتكەن. ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ياللانما خادىملىرى ۋە ئائىلە خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.