Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئادلېر
دۇنيا تارىخى
阿德勒
ā dé lè
(1852 - 1918) ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىسلاھاتچىلار رەھبىرى. پراگادا دۆلەتمەن يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىجتىھات بىلەن خىمىيە ئۆگەنگەن. 1874-يىلى مېدىتسىنا ئۆگەنگەن. ياشلىق دەۋرىدە بۇرژۇئا رادىكاللىرىغا مەنسۇپ بولۇپ، 1880-يىلى گېرمانىيە تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىگە قاتناشقان ھەمدە بۇ پارتىيىگە سىياسىي پروگرامما تۈزۈپ بەرگەن. 1883-يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن يېقىنلىشىپ، ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. 1885-يىلى ماقالە يېزىپ تائاففې ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان پەرمانىغاقارشى چىقىش بىلەن نام چىقارغان. 1888-يىلى 12-ئايدىن 1889-يىلى 1-ئايغىچە ھاينىفېلدتا ئېچىلغان ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلىككە كەلگەن ۋەكىللەر يىغىنىدا پارتىيىنىڭ داھىيلىقىغا سايلانغان. 1889- يىلى ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان. 1893-يىلى ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1905-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغاسايلىنىپ، قانۇنىي پارلامېنت ھەرىكىتىگە مەستانە بولۇپ كەتكەن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال شوۋىنىست بولۇپ كەتكەن. 1918-يىلى ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن، كۆپ ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
阿德列尔
ā dé liè ěr