UyghurMain Dictionary
ئاداق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئاياغ، ئاخىر؛ نىھايەت:
فۇر قەتىڭدە تۆكتى، شاھىم، كۆزلەرىم دۇررى يەتىم،
ئول ئاداقىڭغا تۈشۈپ، ھالىنى ئېيتسا تۇت قۇلاق.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئاياق، پۇت؛ ئاخىر، سوڭ؛ ساھىل، كانارا؛ مەۋسۇم، پەسىل؛ ئارال، جەزىرە؛ قىسمەت: ئاداققىچە - ئاخىرغىچە. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: قەزا بىرلە سانچىلۇر ئاداققا تىكەن، قەزابىرلە ئىلىنۇر تۇزاققا ئەلىك (يۈكنەكى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋاناتنىڭ گەۋدىسىنى تىرەپ تۇرىدىغان يۈرۈشكە خىزمەت قىلىدىغان ئەزاسى.
ئاياغ ئاتلىمىسا، ياش يۈگۈرمەس. ئاياغ تەگدى، بالا تەگمىسۇن. ئاياغقا تاپسا باشقا يوق. گۈل بەرگىدە ئۆسەر نازىنىن ئاياغ، ئەھۋالى نېمە بولار تىكەن باسقان چاغ. پۇت - قولىنى يەرگە تەگكۈزمەي. پۇتىغا ھۆل خىش قويماق. باش قەيەردە بولسا، پۇت شۇ يەردە. پۇتى يوغان تاپقاننى كىيەر، پۇتى كىچىك تاللاپ كىيەر.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<ئاداغ> قا قاراڭ. ئاداق تۇتۇق خاس ئىسىم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاخىرى، سوڭى.
كاشكى جان بىر باغ ئوتۇنغا ئەرزىسە ئارمان نېمە، ۋەتىنىم گۈلخانىدا يانسام چاراسلاپ تا ئاداق.