Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئادام سىمىت
Domain: دۇنيا تارىخى亚当.斯密
yà dāng .sī mì
(1723 - 1790) ئەنگلىيە كلاسسىك ئىقتىسادشۇناسلىق ئېقىمىغائاساس سالغۇچى. ياش ۋاقتىدا ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئېدېنبۇرگ ۋە كلازگو ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئەدەبىيات، لوگىكا ۋە پەلسەپىدىن دەرس ئۆتكەن. 1776-يىلى ئىقتىسادشۇناسلىق ئەسىرى - «مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبلىرى توغرىسىدا تەتقىقات» نى ئېلان قىلغان. قىسقارتىلىپ «مىللىي بايلىق توغرىسىدا» دەپ ئاتالغان. كىتابتا تۇنجى قېتىم سىياسىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى سىستېمىلىق بايان قىلىنىپ، ئەمگەك بايلىقىنىڭ مەنبەسى ۋە قىممەتنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئىكەنلىكى توغرا كۆرسىتىلگەن. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە خاتا ھالدا ئىش ھەققى، پايدا ۋە يەر ئىجارىسى قىممەتنى تەشكىل قىلىدۇ، دەپ قارالغان. ئەركىن رىقابەتنى تەشەببۇس قىلىپ، سودا ئەلاچىلىقى نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ نەزەرىيىسى ئەنگلىيە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. شۇ چاغدىكى ئەنگلىيىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. يەنە «ئەخلاق - مىجەز توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.