UyghurMain Dictionary
ئابۇ سىمبېل ئىبادەتخانىسى
Domain: دۇنيا تارىخىقەدىمكى مىسىردىكى 19- سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى رامىسېس Ⅱ سالدۇرغان چوڭ - كىچىك ئىككى ئىبادەتخانا. ئورنى مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئاسۋاننىڭ جەنۇبىغا 230 كىلومېتىر كېلىدىغان تۆۋەنكى نوبىيىدىكى نىل دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا. چوڭ ئىبادەتخانىنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە رامىسېسنىڭ ئولتۇرغان غايەت زور تۆت ھەيكىلى (ئېگىزلىكى 22 مېتىر كېلىدۇ) ئويۇلغان، تاش ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە تۈۋرۈكلۈك ئۆي، خانا، ئىلاھ ئۆيى بار. ئىلاھ ئۆيىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ چوڭ دۆلەت ئىلاھى (ئامون، را، بۇتاھا) ۋە ئىلاھلاشتۇرۇلغان رامىسېسنىڭ ئولتۇرغان ھەيكىلى بار. ئىبادەتخانا ئۇستىلىق بىلەن لايىھىلەنگەن. ھەر يىلى ئىككى قېتىم يەنى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن توختاش ۋە كۈزلۈك كۈن - تۈن توختاش مەزگىلىدە ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرى ئۇدۇل ئىچكىرىكى ئۆيگىچە چۈشۈپ تۇرىدۇ. شەرق شىمالىي قىسمىدىكى كىچىك ئىبادەتخانا ئايال ئىلاھ كىھاتوھىل ۋە پادىشاھنىڭ بانۇسى نېفېرتارى ئۈچۈن سېلىنغان بولۇپ، ئالدى تەرىپىگە پادىشاھنىڭ ئۆرە تۇرغان تۆت ھەيكىلى ۋە بانۇنىڭ ئىكى ھەيكىلى (ئېگىزلىكى 10 مېتىر كېلىدۇ) ئويۇلغان، قالغان جايلىرى چوڭ ئىبادەتخانىغا تەقلىد قىلىپ لايىھىلەنگەن. چوڭ ئىبادەتخانىنىڭ تاش تېمىدا پادىشاھنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى تەسۋىرلەنگەن قاپارتما نەقىش بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە <كادېش جېڭى> ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قاپارتما نەقىش ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئاسۋاندا توغان ياسىغان چاغدا ئىبادەتخانىنى سۇ بېسىپ كەتكىلى تاس قالغان، ب د ت نىڭ مائارىپ، ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، 1968-يىلدىن باشلاپ ئىبادەتخانىنى ئەسلىدىكى پېتى بويىچە ئاجرىتىپ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ئېگىزلىككە يۆتكىگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.