UyghurMain Dictionary
ئابېنو ناكامارو
دۇنيا تارىخى
(698 - 770) ياپونىيىنىڭ نارا دەۋرىدە تاڭ سۇلالىسىگە كېلىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچى. ناكاتسۇكاسا تائىفۇ فۇنا مورىنىڭ ئوغلى. مىلادى 717-يىلى (ياپونىيە يورونىڭ بىرىنچى يىلى، تاڭ سۇلالىسى كەييۇەننىڭ بەشىنچى يىلى) كىبى نىكۇنارى قاتارلىقلار ۋە تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلىدىغان ئەلچى تاجىئى ئاگاتا مورى بىلەن بىللە جۇڭگوغا بارغان. تاڭ سۇلالىسىدە كالام بېگى، سول قول مەسلىھەتچى، سول قول مۇشاۋىر، پادىشاھقا ھۆرمەت كۆرسەتكۈچى، ئوردا مۇھاپىزەتچىلەر بېگى، پۈتۈكچىلەر نازىرى، قوشۇمچە ساقچى بېگى قاتارلىق مەنسەپلەرنى ئۆتىگەن. پادىشاھ تاڭ شۇەنزۇڭ ئۇنىڭغا چاۋخېڭ دەپ ئىسىم قويۇپ، چاۋچىڭ دېگەن تەخەللۇسنى بەرگەن. 753-يىلى (ياپونىيە ئاماخىرا كاچى تاكارانىڭ بەشىنچى يىلى، تاڭ سۇلالىسى تيەنباۋ 12-يىلى)ياپونىيىنىڭ تاڭ سۇلالىسىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى فۇجىۋارا كىيوكاۋا بىلەن بىللە ۋەتىنىگە قايتقاندا، يولدا بورانغا ئۇچراپ ئەننەن دېڭىز بويلىرىغا ئېقىپ بارغان. فۇجىۋار كىيوكاۋا بىلەن تاڭ سۇلالىسىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ يەنە ۋاقىتلىق سول قول مۇپەتتىش بېگى، جىنەننىڭ تۇتۇق بېگى بولغان. تاڭ سۇلالىسىدە 54 يىل تۇرغان. ۋاڭ ۋېي، لى بەي، چۇگۇاڭشى قاتارلىق جۇڭگو شائىرلىرى بىلەن يېقىندىن بېرىش - كېلىش قىلىپ، ئۆزئارا شېئىر تەقدىم قىلىشقان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، پادىشاھ تاڭ دەيزۇڭ ئۇنىڭغا <لۇجۇنىڭ تۇتۇق بېگى> دەپ نام بەرگەن.