UyghurMain Dictionary
ئابى ماسائو
دۇنيا تارىخى
1819 - 1857 ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئاقساقال. بىنگو فۇكۇياما ھازىرقى خروسىما ناھىيىسىگە قاراشلىق ۋاسساللىقىنىڭ بېگى. 1843-يىلى شوگناتتا ئاقساقال بولغان. 1845-يىلى تىسۇيگى مىزۇنوتادا (1794 - 1851) نىڭ ئورنىنى بېسىپ باش ئاقساقال بولغان. 1854-يىلى ئامېرىكا بىلەن <ياپونىيە - ئامېرىكا دوستلۇق شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. 1855-يىلى باش ئاقساقاللىق مەنسىپىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، مەخسۇس ئىچكى ئىشلارنى باشقۇرغان. دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇش، مىلتىق - زەمبىرەك ياسىتىش، قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاش، غەربنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئىلغار سىياسەتلەرنى قوللانغان.