Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئابدۇراخمان
Domain: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەر ئىسىملىرى
阿卜杜热合曼
ā bǔ dù rè hé màn
Domain: دۇنيا تارىخى阿卜杜.拉曼一世
ā bǔ dù .lā màn yí shì
(731 - 788) ئىسپانىيىدىكى كېيىنكى ئۇمەييە خادانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى (756 - 788) مىلادى 750-يىلى ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ ئورنىنى ئابباسىيلار خاندانلىقى ئىگىلىگەن. ئۇمەييە جەمەتىدىن بولغان ئابدۇراخمان شىمالىي ئافرىقىغا قېچىپ بارغان، كېيىن يەنە ئىسپانىيىگە بارغان. مىلادى 756-يىلى ئۇ يەرلىك بىر قىسىم ئەرەبلەرنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، گۇئادالچىۋىر دەرياسى ئەتراپىدا ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيىسى يۈسۈپ (؟ - 759) نى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆزىنى مۇستەقىل كوردوۋا باش ۋالىيىسى قىلىپ تىكلەپ، كېيىنكى ئۇمەييە خاندانلىقىنى قۇرغان، تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە مەركىزىي ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن ھەمدە فرانكلار بىلەن كۆپ قېتىم جەڭ قىلغان. ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈمۈش پۇل قۇيدۇرغان ھەمدە فرانك پادىشاھلىقىنىڭ پۇل تۈزۈمىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.