UyghurMain Dictionary
ئابدۇللا ئىبنى ۋەھىب راسبى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
خاۋارىجلارنىڭ داھىىسى. بەجىلا قەبىلىسىدىن. باتۇرلۇقى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن مەشھۇر. ئۇزۇن مۇددەت سەجدە قىلغانلىقتىن پېشانىسىگە قاداق چىقىپ، <قاداقلىق ئادەم> دەپ ئاتالغان. سەئىد بىننى ئەبى ۋەققاسنىڭ قول ئاستىدا ئىراققا بېرىپ جەڭ قىلدى. كېيىن ھەزرىتى ئەلىنىڭ قول ئاستىدا سىففىن ئۇرۇشىغا قاتناشتى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ مۇئاۋىيە بىلەن مۇرەسسە قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، باشقا قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ھەزرىتى ئەلىدىن ئايرىلىپ كەتكەچكە، خاۋارىجلار <كەتكۈچىلەر> دەپ ئاتالدى. 658 - يىلى 3 - ئايدا كۇفەنىڭ يېنىدىكى ھەرۇرە مەھەللىسىدە بۇ مەزھەپنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلاندى. شۇ يىلى نەھرەۋان ئۇرۇشىدا شېھىت بولدى.