UyghurMain Dictionary
ئابدۇل ھەمىد
دۇنيا تارىخى
(1842 - 1918) ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى (1876 - 1909). 1876-يىلى 5-ئايدا يېڭى ئوسمانچىلار ئۆزگىرىش قوزغىغاندىن كېيىن تەختكە چىققان. شۇ يىلى خەلق ئاممىسىنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولغان. روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي ھەرىكەتنى بېسىپ، مۇستەبىت تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئىچكى جەھەتتە بارلىق دېموكراتىك ھوقۇقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىپ، پان ئىسلامىزمنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان. تاشقى جەھەتتە گېرمانىيىگە مايىل سىياسەتنى يولغا قويغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1908 - 1909-يىللاردىكى تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا تەختتىن چۈشۈرۈلگەن