Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئابدېقادىر
دۇنيا تارىخى
阿卜杜.卡迪尔
ā bǔ dù .kǎ dí ěr
(1808 - 1883) ئالجىرىيىنىڭ فرانسىيىگە قارشى كۈرىشىنىڭ رەھبىرى. ماسكارادا تۇغۇلغان. ئىسلام دىنى تەربىيىسىنى ئالغان. 1832-يىلى ۋاخران رايونىدىكى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ فرانسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بېرىپ، سەردارلىققا سايلانغان. 1832- 1834-يىللىرى ئالجىرىيىنىڭ غەربىي رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1834-يىلى فرانسىيە بىلەن <ۋاخران شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. 1835-يىلى فرانسىيە قايتىدىن ئۇرۇش قوزغاپ مەغلۇپ بولغان. 1837-يىلى فرانسىيىنى <تافنا شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، ئىكى تەرەپنىڭ تەۋەلىكىدىكى رايوننى ئايرىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان. تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە مەمۇرىي سىستېمىلارنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، مۇنتىزىم ئارمىيەقۇرغان، قول سانائەت ئىشخانىلىرى ۋە قورال - ياراق زاۋۇتى قۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارغا پايدىلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1839-يىلى ئۇرۇش يەنە پارتلىغاندا قوشۇنىنى باشلاپ فرانسىيە ئارمىيىسىگە زەربە بەرگەن. 1843-يىلى ئالجىرىيە بىلەن ماراكەش چېگرىسىدا ئەسىرگە چۈشكەن. 1852-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1852 - 1855-يىللىرى بۇيرسېدا تۇرغان. كېيىن دەمەشقتە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.