Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاببېۋىل مەدەنىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخى阿布维利文化
ā bù wéi lì wén huà
ياۋروپا كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى مەدەنىيەت. دەسلەپتە فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى سومما دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى ئاببېۋىل شەھىرىدىن تېپىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمى، ئافرىقا، غەربىي ئاسىيا ئەتراپلىرىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، تەخمىنەن 400 مىڭ يىللاردىن تارتىپ 100 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغىچە بولغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. بۇرۇن ئۇ شېل مەدەنىيىتى دەپ ئاتالغان. كېيىن شېل خارابىلىرىدە قېپقالغان نەرسىلەرنىڭ ئاساسەن ئاشېل مەدەنىيىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. شۇڭا ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. تىپىك نەرسىسى ئۇرۇپ ياسالغان قوپال تاش پالتا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 10 - 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بىللە ياشىغان ھايۋاناتلار توپىدىن قەدىمكى پىل، چىپار كەركىدان، بېگېموت ۋە ماخايرول قاتارلىقلار بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.