UyghurMain Dictionary
ئاⅠ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ بىرىنچى ھەرپى. شۇ ھەرپنىڭ نامى. ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما. يېزىقتا بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە ھەرپ بەلگىلەنگەن. بۇ ھەرپ تۆۋەندىكىدەك يېزىلىش شەكىللىرىگە ئىگە. باش ھەرپ شەكلى «ئا»، ئوتتۇرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ا»، ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ا». بۇ ھەرپ ئوڭدىن سولغا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يېزىلىدۇ.[CRLF]بۇ تاۋۇش تەلەپپۇز قىلىنغاندا پەيدا بولۇش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سوزۇق تاۋۇشقا تەۋە. تىلنىڭ ئورنى ۋە رولى جەھەتتىن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشقا تەۋە. لەۋ ھالىتى جەھەتتىن لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش دەرىجىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتىن تۆۋەن سوزۇق تاۋۇشقا كىرىدۇ.[CRLF]«ئا» ھەرپىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى[CRLF]ئاجىزلىشىشى[CRLF]ئۇيغۇر تىلىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال. ئۇ ئۇرغۇلۇق بوغۇملاردىكى كۈچلۈك ئېيتىلىدىغان سوزۇق (ئا) نىڭ ئۇرغۇنىڭ باشقا بوغۇمغا يۆتكىلىشى سەۋەبىدىن كۈچسىزلىنىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشتۇر.[CRLF]ئويغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى مىڭ يىلغا يېقىن جەريان ئىچىدىكى بىرخىل تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر قىسىم سۆزلەر ھازىر تۈپ سۆز شەكلىدىمۇ، قوشۇمچە ئۇلانغاندىمۇ ئاجىزلاشقىنى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىۋاتىدۇ ۋە ئىملادىمۇ شۇنداق يېزىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئېغىر — (ئەسلىسى ئاغىر)[CRLF]ئېتىز — (ئەسلىسى ئاتىز)[CRLF]ئېرىق — (ئەسلىسى ئارىغ)[CRLF]قېرى — (ئەسلىسى قارى)[CRLF]قېلىن — (ئەسلىسى قالىن)[CRLF]سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى ئاساسەن پەس ياكى سەل پەس سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئېگىز ياكى سەل ئېگىز سوزۇق تاۋۇشقا ئۆزگىرىشىدە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:[CRLF](1) «ئا» تاۋۇشى بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە «ئى» بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، مەزكۇر بوغۇم ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قېلىپ، بوغۇمنىڭ ئۇرغۇسى كېيىنكى بوغۇملارغا يۆتكەلسە، «ئا» تاۋۇشى ئاجىزلىشىپ «ئې» تاۋۇشىغا ئۆزگىرىدۇ، ئىملادا شۇ بويىچە يېزىلىدۇ ھەم شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]باش − بېشى، بېشىمىزغا[CRLF]ياز − يېزىپ، يېزىۋاتىدۇ[CRLF](2) كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇملىرىدىكى «ئا» تاۋۇشى شۇ سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلىنىشى ياكى باشقا تەركىبلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇرغۇسى كېيىنكى بوغۇملارغا يۆتكەلسە، ئاجىزلىشىپ «ئى»تاۋۇشىغا ئۆزگىرىدۇ، ئىملادا شۇ بويىچە يېزىلىدۇ ھەم شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]باشلا − باشلىغان، باشلىماق[CRLF]تارا − تارىماق[CRLF](3) بىرىنچى تەركىبى «ئا» تاۋۇشى بىلەن ئاياغلىشىپ، ئىككىنچى تەركىبى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان ئۇرغۇسى تۇراقلىق بولغان سۆزلەردىن باشقا سۆزلەردە بىرىنچى تەركىبنىڭ ئاخىرىدىكى «ئا» تاۋۇشى نۇتۇقتا «ئى»غا ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئىملادا ئەينەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئىملاسى تەلەپپۇزى[CRLF]ئاچمائېرىق ئاچمىئېرىق[CRLF]ئارائۆستەڭ ئارىئۆستەڭ[CRLF]جىگدەئېرىق جىگدىئېرىق[CRLF]قارائۆرۈك قارىئۆرۈك[CRLF]مىرزائەخمەت مىرزىئەخمەت[CRLF]ئەسكەرتىش: تىلىمىزدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئۇرغۇسى تۇراقلىق بولغانلىقى، بىر قىسىم سۆزلەردىكى «ئا» تاۋۇشى ئادەتتىكىدىن سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، مۇنداق سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندا ئۇرغۇ ئاخىرقى بوغۇمغا يۆتكەلمىگەچكە ئاجىزلاشمايدۇ. يازغاندا ھەم تەلەپپۇز قىلغاندا «ئا» تاۋۇشى ئاجىزلاشتۇرۇلمايدۇ. مەسىلەن: [CRLF]سان − سانى، بار − بارى، بارىچە[CRLF]ئىمزا − ئىمزاسى، ئىمزالىماق[CRLF]مۇقام − مۇقامى، ئىجرا − ئىجراسى