ئىⅠ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئوتتۇز بىرىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن ئوتتۇز بىرىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.[CRLF]«ئى» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ئى∥ى»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ئى∥ى»، باش ۋە ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ى∥ئى»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ىى∥ئى»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «ئى».[CRLF]«ئى» تاۋۇشى تەلەپپۇز قىلغاندا پەيدا بولۇش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سوزۇق تاۋۇشقا تەۋە بولۇپ، ئۇ تىل ئورنى ۋە تىلىدىكى رولى جەھەتتىن ئارا سوزۇق تاۋۇش، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش دەرىجىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتىن سەل ئېگىز سوزۇق تاۋۇشتۇر.[CRLF][CRLF]«ئى» تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى[CRLF][CRLF]1. كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇملىرىدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى شۇ سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلىنىشى ياكى باشقا تەركىبلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇرغۇسى كېيىنكى بوغۇملارغا يۆتكەلسە، ئاجىزلىشىپ «ئى» تاۋۇشىغا ئۆزگىرىدۇ، ئىملادا شۇ بويىچە يېزىلىدۇ ھەم شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]باغلا − باغلىغان[CRLF]سۆزلە − سۆزلىگەن[CRLF]خىتابنامە − خىتابنامىسى[CRLF]كىتابخانا − كىتابخانىسى[CRLF]2. بىرىنچى تەركىبى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلىشىپ، ئىككىنچى تەركىبى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان، ئۇرغۇسى تۇراقلىق بولغان سۆزلەردىن باشقا سۆزلەردە بىرىنچى تەركىبنىڭ ئاخىرىدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى نۇتۇقتا «ئى» غا ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئىملادا ئەينەن يېزىلىدۇ.[CRLF]ئىملاسى تەلەپپۇزى[CRLF]قارائۆرۈك قارىئۆرۈك[CRLF]مىرزائەخمەت مىرزىئەخمەت[CRLF]ئەگىمە يول ئەگىمىيول[CRLF]3. ئىككىنچى بوغۇمى ئېگىز سوزۇق تاۋۇش «ئى» بىلەن تۈزۈلگەن سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندا، ئىككىنچى بوغۇم ئۇرغۇسىنى يوقاتسا «ئى» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئەسلى ئۈچ بوغۇملۇق سۆزلەر ئىككى بوغۇم بويىچە قالىدۇ. مۇنداق سۆزلەر ئىملادا چۈشۈپ قالغىنى بويىچە يېزىلىدۇ ۋە شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئىسىم + ى = ئىس (ى) مى سىڭىل + ىم = سىڭ (ى) لىم[CRLF]4. رۇس ۋە ياۋروپا تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان، سۆز بېشىدا «س، ش» تاۋۇشلىرىدىن كېيىن «ت، پ، ك، ف» تاۋۇشلىرىنىڭ كېلىشى ئارقىلىق بىر بوغۇمدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش قاتار كېلىپ قالىدىغان بەزى سۆزلەردە «س» ياكى «ش» تاۋۇشنىڭ ئالدىغا «ئى» سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئەسلىسى ئىملاسى ۋە تەلەپپۇزى[CRLF]شىكاف ئىشكاپ[CRLF]ستانسا ئىستانسا[CRLF]ستاكان ئىستاكان[CRLF]شتات ئىشتات[CRLF]5. بىرىنچى تەركىبنىڭ ئاخىرىدا «ئا» ۋە «ئە» تاۋۇشلىرى كېلىدىغان بىرىككەن سۆزلەر، يەر-جاي ناملىرى، جۈپ سۆزلەر، بىرىكمىلەر ۋە سۆز بىرىكمىلىرىدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى ئۇرغۇنىڭ كېيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلگەنلىكى سەۋەبىدىن تەلەپپۇزدا «ئى» غا ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئىملاسى تەلەپپۇزى[CRLF]قاراماي قارىماي[CRLF]جىگدە مازار جىگدىمازار[CRLF]ئالما مۇرابباسى ئالمىمۇرابباسى[CRLF]6. يەر-جاي ناملىرىنىڭ بىرىنچى تەركىبىنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى ئىككىنچى، تەركىبنىڭ بېشىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن يانداش كەلسە ئۇرغۇ كېيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلگەنلىكى ئۈچۈن تەلەپپۇزدا «ئى» غا ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئىملاسى تەلەپپۇزى[CRLF]ياقا ئۆستەڭ ياقىئۆستەڭ[CRLF]يەككە ئېرىق يەككىئېرىق[CRLF]7. جۈملە تەركىبىدىكى «ئا» ياكى «ئە» بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەر كېيىنكى تەركىبىگە ئۇلىنىپ ئېيتىلغاندا، «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى «ئى» غا ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئىملاسى: ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراققا قاراش[CRLF]تەلەپپۇزى: ئېگىزدى تۇرۇپ، يىراققى قاراش[CRLF]8. ئالدىنقىسى «ى»، كېيىنكىسى «ا، و» تاۋۇشلىرىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەردە، مەزكۇر ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىغا «ي» قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئىملاسى تەلەپپۇزى[CRLF]رادىئو رادىيو[CRLF]پىئانىنو پىيانىنو[CRLF]پىئونېر پىيونېر[CRLF]دىئالوگ دىيالوگ