UyghurMain Dictionary
خىزمەتكار
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خوجايىنىغا مەلۇم ھەق ئېلىپ، مەلۇم ۋاقىت ئىشلەپ بېرىدىغان كىشى، ياللانغان كىشى.
خوجايىن، خوجىكا
نۇرغۇن پۇل - مال ئىگىسى. ھازىر شىركەتلەرنىڭ مۇدىرلىرىنىڭ ئېغىزچە ئاتىلىشى.
پۇل - ياخشى مالاي ھەم رەزىل خوجايىن. يۈز كۈن يەلپۈگەن غالچا، بىر كۈن يەلپۈگەن ئاغىچا. يالاقچى يالاپ تويماس، غالچا غاجىلاپ. ئون خوجىكامدىن بىر چاكار يامان. ئۈزۈڭگە كۆرمىسەڭ راۋا، باشقىغا بەرمە ئازار؛ بۇنى بەكمۇ ياخشى ئېيتتى خوجايىنغا خىزمەتكار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باي _ بەگلەرگە ياللىنىپ ئىشلەيدىغان كىشى.
ئەقىللىق _ يۇرتنىڭ ئاغىسى، ھۈنەرۋەن _ يۇرتنىڭ چاكىرى. جەننەتتەت مالاي بولغۇچە، جەھەننەمدە خوجا بولغان ئەلا. بىر مالايچىلار يەرگە ئىگە بولدى. ياللانما ئەسكەر جان تىكىپ سوقۇشماس. خىزمەتكارنىڭ خوجىسىغا سادىق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ يالاقچى يالاپ تويماس، غالچا غاجىلاپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بۇرۇنقى چاغلاردا، باي ياكى مەنسەپدارلارنىڭ شەخسىي خىزمىتىنى، ئۆي ئىشىنى قىلىدىغان كىشى؛ چاكار.
باينىڭ خىزمەتكارى.
خەلق ياكى جەمئىيەت مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كىشى؛ خىزمەتچى.