Uyghur←ChineseMain Dictionary
خىۋا خانلىقى
Domain: دۇنيا تارىخى基华汗国
jī huá hàn guó
خارەزم خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆزبېكلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خارەزم رايونىدا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. 1512-يىلى قۇرۇلغان. پايتەختى نەچچە قېىتم يۆتكىلىپ، كېيىن خۋاغا بېكىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن خىۋا خانلىقى دەپ ئاتالغان. ⅩⅤⅡ ئەسىردە، ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى جاڭجاللىرى ئۈزلۈكسىز بولۇپ، دائىم قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ھالى خارابلاشقان. 1740-يىلى پېرسىيە پادىشاھى نادىر شاھ تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، 1747-يىلدىن كېيىن مۇستەقىللىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1873-يىلى روسىيە ئەسكەرلىرى بېسىپ كىرگەن، خىۋا قولدىن كېتىپ نائىلاج ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى رايونلارنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن، روسىيىنى ھامىي دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان. 1920-يىلى ئۆزبېك ۋە تۈركمەن ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىگە قوشۇلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.