Uyghur←ChineseMain Dictionary
خۇتتېن
دۇنيا تارىخى
胡登
hú dēng
(1488 - 1523) گېرمانىيىلىك گۇمانىزمچى. رىتسارلىقتىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى موناستىرغا كىرگەن. كېيىن ياش گۇمانىزمچىلار تەشكىلاتىغا قاتناشقان. ساتىرىك ئەسەر <ئەخمەقنىڭ مەكتۇپى> نىڭ ئاساسلىق ئاپتورلىرىنىڭ بىرى. ئەسەردە مەدرىس پەلسەپىسىنىڭ بىمەنىلىكى ۋە مىسسىئونېرلارنىڭ شاللاقلىقى ئېچىپ تاشلانغان. گۇمانىزم مەيدانىدا تۇرۇپ ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىلىمنىڭ كۈچىگە ئىشەنگەن، كىشىلەرنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىغا ئەھمىيەت بەرگەن. دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى داۋامىدا مارتىن لۇتېرنى قوللاپ، رىم پاپاسى ۋە گېرمانىيە بەگ - خوجىلىرىغا قارشى چىققان، رىتسارلارنى تۈۋرۈك قىلغان ھوقۇق مەركەزلەشكەن پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىسكىنگېن رەھبەرلىكىدىكى رىتسارلار توپىلىڭىغا (1522 - 1523) قاتناشقان، توپىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن شۋېتسارىيىگە قېچىپ كەتكەن، كېيىن سيۇرىختا.