UyghurMain Dictionary
خۇسۇسىي سالاھىيەت قانۇنى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇسۇلمانلارنىڭ <ئائىلە قانۇنى>، <ئائىلىنى قوغداش قانۇنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى ئىسلام شەرىئەت قائىدىلىرىدىن بىرى بولۇپ، شەرىئەتتىكى ھەق تەلەپ قانۇنى، سودا قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ۋەخپە قانۇنىدىن باشقا قىسمى يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ خۇسۇسىي نىكاھ، ئائىلە ئىشلىرىغا ۋە مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن - قائىدىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ قانۇن ھازىرقى زاماننىڭ قانۇن ماددىلىرى شەكلىنى قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى ئىسلام شەرىئىتىنى مەزمۇن قىلىپ، زامانىمىزنىڭ شارائىتىغا ماسلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق تۈزىتىلدى. بۇ قانۇن خۇسۇسىيلارنىڭ سالاھىيىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالدى. بۇ قانۇن سۈرىيە، ئىراق، تۇنىس، ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يولغا قويۇلدى.