UyghurMain Dictionary
خۇن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قان:
ئۆزىن بىچارە ئەيلەپ زار مەجنۇن،
دەما دەم باغرىنى ئەيلەپ جىگەر خۇن.
موللا فازىل.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مالنىڭ پۇل بىلەن ئالماشتۇرۇلىدىغان قىممىتى.
باھا سىياسىتى. باھانى بازار قويار. ئانىسى ماختىغان قىزنىڭ باھاسى ئاشماس. بازار نەرخى. ئەرزان بىلەن قىممەتنىڭ بازارداچىققان نەرخى بار. قېچىرنىڭ نەخى بىلەن بۆرىنىڭ نېمە كارى. بازار ئىگىلىكى يولغا قويغاندىن كېيىت، مەھسۇلاتلارنىڭ نەرخ - ھاۋاسى بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سېتىلماس ئاتىنىڭ خۇنى قىممەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئورۇنسىز، نەپ - مەنپەئەتسىز.
بىكار ياتقاننىڭ بۆرىكىنى ماي قاپلار. ئەجەل ئوق ئاتقاندا قاچقىنىڭ بىكار، ئېغىناپ ئالتۇندا ياتقىنىڭ بىكار، تەكشۈردۈم ئالەمنى ....ياخشىلىق ياخشى، بۇنىڭدىن باشقا، گەپ ساتقىنىڭ بىكار. تۈنلەر باشتىن ئاياغ ئۇيقۇدا ئۆتسە، ئەجەب ئەمەس يېرىم ئۆمۈر بىھۇدە كەتسە. خۇن ئىش - بىھۇدە ئىش، بىكار ئىش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانات بەدىنى ئىچىدىكى قىزىل سۇيۇقلۇق.
قانخۇر. قان ئىچەر. قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس. ئاغزى - بۇرنىنى قان قىلماق. خۇن تۆلەتمەك. ئۇنى يوقنىڭ خۇنى يوق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىھۇدە، پايدىسىز.
خۇن ئىش _ بىھۇدە ئىش، پايدىسىز ئىش. خۇن خارا ئىشلەمە _ بىھۇدە، ئاخمىقانە ئىش قىلما.
3 - 189
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قان.
زار - زار يىغلاپتۇ موماي شۇ يوسۇن، كۆزىدىن ئاققۇزۇپ ياش ئورنىغا خۇن.
جان.
ئۇنى يوقنىڭ خۇنى يوق (ماقال).
كۆچمە. نۇر.
ئۇ تولا يىغلاپ، كۆزىنىڭ خۇنى قالمىدى.
قان قەرز.
- بۇ مېنىڭ ئاتامنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مەن بۇنىڭدىن ئاتامنىڭ خۇنىنى تۆلىتىمەن، قانغا - قان، جانغا - جان ئالىمەن، - دېدى ئۇ.