Chinese→UyghurMain Dictionary
畜牧经济
دۇنيا تارىخى
چارۋىچىلىق ئىگىلىكى
چارۋا - ماللارنى بېقىشنى ئاساس قىلغان ئىگىلىك. ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچى (يېڭى تاش قورال دەۋرى) دە پەيدا بولغان، دېھقانچىلىق بىلەن بىللە ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىكى ئاساسىي ئىقتىسادىي تارماق. بۇ دەۋردە ئىنسانلار تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى يېغىشنى ئاساس قىلغان دەۋردىن تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى كۆپەيتىش دەۋرىگە ئۆتۈپ، ئىجتىمائىي ئىقتىساد تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى ئورۇندىغان. چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئۇزاق داۋام قىلغان ئوۋچىلىق ئىگىلىكىدىن تەرەققىي قىلغان. قارىلىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرى 10-مىڭىنچى يىللار ئەتراپىدا ئەڭ ئاۋال غەربىي ئاسىيادا پەيدا بولغان. دەسلەپ قوي، ئىت قاتارلىق ھايۋانلار بېقىلغان. كېيىن توڭگۇز، كالا، تۆگە، ئات قاتارلىقلار بېقىلغان. ئۇنىڭدىن چىققان يۇڭ، تېرە، گۆش، سۈتتىن ئىشلەنگەن نەرسىلەر ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى ۋە قول سانائىتى خام ئەشياسىنىڭ مەنبەسىنى كېڭەيتكەن. چارۋىچىلىقنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرش كۈچلىرى زور دەرىجىدە ئۆسكەن، بۇ ھال ئاخىرى مەھسۇلات ئوشۇقچىلىقى، دائىملىق ئالماشتۇرۇش ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئەرلەر ئاستا - ئاستا ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن. بۇ ئاتىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىنىڭ تىكىنىشىدىكى ماددىي ئاساس بولغان. چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بىللە ساقلىنىپ كەلگەن، كۆچمەن قەبىلىلەر چارۋىچىلىققا لايىق رايونلاردا بولسا ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ئىجتىمائىي ئىقتىسادتا ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن.