UyghurMain Dictionary
خۇلق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ئىش - ھەرىكەتكە مۇئامىلە قىلىشتا ئىپادىلىنىدىغان روھىي خىسلەت.
موھتاجلىق مىجەزنىمۇ بۇزىدۇ. قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قىلىقى ئۇندىن ئارتۇق. ھەر كىمدە بولسا گەر ياخشى تەبىئەت، ئادەملىك يۈكسەك ئۇندا ناھايەت. دۈشمەنلىكتىن ئەمەس چايان چېقىشى، شۇنداق تەبئىتى، پېئىلى، خاھىشى، ياخشى خۇلق جان ئوزۇقى. كىم تۈزىمەك بولسا جاھان خەلقنى، ئاۋۋال تۈزەتسۇن ئۆز خۇلقىنى، خۇيى تۇتسا كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەس. پەيلى ياماندىن قورق. خاراكتېرى ئوبدان بالا ھەممىگە ياقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشىنىڭ مۇئامىلىسى ۋە رۇھىي خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ يىغىندىسى؛ مىجەز، خاراكتېر، پېئىل.
خۇلقى ياخش ئايال.
چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر (ماقال).
كىشىگە ئادەت بولۇپ قالغان، تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ئىش - ھەرىكەت؛ ئادەت، قىلىق.
رۇستەم ئادەتتە كەم سۆز ئىدى. ئايخان ئۇنىڭ خۇلقىنى، قەلبىگە ئالەم سىغىدىغان كەڭ پىكىرلىكىنى يارىتىپ قالغانىدى.